قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «خەۋەرلەر ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئەزىز مېھمىنى ئىراقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى يەنى «جافارى قانۇنى»نى («جافارى» بولسا شىئە مەزھىپىنىڭ ئالتىنچى ئىمامى جافارى سادىقنىڭ ئىسمى) يۈرگۈزۈشىگە قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ بۇ قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلۈشى چوڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، دېدى. ئۇ يەنە بۇ قانۇننىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە كۆپلىگەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ قوللىشى ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق ئىچكى كابېنتى «قىزلار توققۇز ياشقا كىرگەندىن كېيىنلا توي قىلىشقا بولىدۇ» دېگەن قانۇننى ماقۇللىغان ۋە ئالدىنقى ئايدا پارلامېنتقا
تاپشۇرغان، ئەمما بۇ قانۇن ئىراق خەلقىنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
بۇ قانۇندا توققۇز ياشقا كىرگەنلىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى توي قىلىشقا بولىدۇ دېيىلگەندىن سىرت يەنە ئاتا بولغۇچىنىڭ قىزى ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ بىردىن بىر ھامىيلىق قىلغۇچىغا ئايلىنىدىغانلىقى ھەم قىز-ئاياللارنىڭ ئېرىدىن قالغان يەرگە مىراسلىق قىلىشى چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئىراقتا تۇرۇشلۇق ب د ت ۋەكىلى ئىراق ئىچكى كابىنېتىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ قانۇننىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ ئىراق خەلقىنىڭ دۆلەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، ئىراقنىڭ قانۇن بىرلىكىگە خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
باغدات دىنىي قانۇنىنىڭ نوپۇزلۇق شەيخى مۇھەممەد ياقۇپ ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى شەيخ ئەلى فاۋادىنىڭ دېيىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى 1059-يىلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان، شۇ چاغدىكى داڭلىق دىنىي ئۆلىما مۇخسىن ھاجىم بۇ قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئىنتايىن نارازى بولغان ھەمدە بۇ قانۇن ئىسلام دىنى ۋە باشقا ھازىرغىچىلىك كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن-نىزاملارغا زىت دەپ قارىغان.
فاۋادى يەنە ھازىر يۈرگۈزمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ مەجبۇرى يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ھەم مەلۇم دىنىي مەزھەپنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
بۇندىن باشقا ئىراق پارلامېنت ئەزاسى يېزارت ساباندا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: بۇ يېڭى قانۇن توغرىسىدا جافارى گۇرۇھىنىڭ ئىچىدىمۇ چوڭ زىددىيەتلەر پەيدا بولدى، ئىراق باش مىنىستىرى ئالمالىك ۋە بەزى دىنىي نوپۇزلۇق كىشىلەرمۇ بۇ يېڭى قانۇننى قوللىمايدۇ.
ساباندا: ئىراق پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ شارائىتتا، بۇ قانۇننىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ۋەزىيەتنىڭ ئاچقۇچى پارلامېنتنىڭ قولىدا.
ئەمما ئىراق پارلامېنتى قانۇن ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سادىر ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئەمىر جېنانى بولسا يېڭى كىشىلىك ئورۇن قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ بۇ قانۇننىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
جېنانى تەكىتلەپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئىچكى كابېنتتا ماقۇللىنىشى سىياسىي سودىنىڭ ياردىمىدىن بولدى، ئەگەر باش مىنىستىر بۇ قانۇنغا رازى بولمىسا، ھەرقانداق بىر سىياسىي كۈچ بۇ قانۇننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، دېدى.