باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3.15 ئالاھىدە پىروگراممىسىدا سەمىمىيەتسىزلىك ھەرىكەتلىرى پاش قىلىندى

2014.03.17 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلگەن «15-مارت» كېچىلىكىدە نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلاندى، بۇ جەمئىيەتتە يۈكسەك دىققەتنى قوزغىدى، جايلاردىكى ئالاقىدار قانۇن ئىجراسى تارماقلىرىمۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتلەندى.

  15-مارت كەچتە كۆرسىتىلگەن 15-مارت كېچىلىكىدە خاڭجۇ گۇاڭچى سودا شىركىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىمپورت يېمەكلىكلەر خام ماتېرىيالىنى نۇرغۇن مىقداردا ساتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جېجياڭ ۋە شاڭخەيدىكى قانۇن ئىجراسى تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلغان كارخانىلارنى ئايرىم ئايرىم ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى. خاڭجۇ شەھىرىدە قانۇن ئىجراسى خادىملىرى بۇ كارخانىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن مەھسۇلاتلارنى ئالدىراش ساندۇققا قاچىلاۋاتاتتى.

  نۆۋەتتە دېلوغا چېتىشلىق كارخانىنىڭ ئىسكىلاتى ۋە توڭلىتىش ئىسكىلاتى پېچەتلىۋېتىلدى، دېلوغا چېتىشلىق سەككىز كىشى قانۇن بويىچە كونترول قىلىندى، قانۇن ئىجراسى تارماقلىرى نەق مەيداندا نۇرغۇن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىك قاتارلىق ساختا خام ماتېرىياللار ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى بايقىدى.

  مۇخبىر شاڭخەيدىكى نىكون رېمونت قىلىش مەركىزىگە بارغاندا، نىكونD 600 تىپلىق فوتو ئاپپاراتنىڭ قارا داغ چىقىپ قېلىشتەك ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى. شاڭخەي شەھەرلىك سودا سانائەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەسلەپكى قەدەمدە ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نىكون شىركىتىنىڭ D 600 تىپلىق فوتو ئاپپاراتى مەملىكەت تەۋەسىدە 48 مىڭ دانە سېتىلغان، 2013-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە، بۇ تىپتىكى فوتو ئاپپارات ھەر ئايدا قوبۇل قىلىدىغان رېمونت قىلىش مىقدارى 300، 400 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %70،%80 ى زاپچاسنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر