ياۋ تۇڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 12 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يىغىننىڭ ھەرقايسى قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى قىسقىچە خۇلاسىلىدى ۋە ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.