خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، كىشىلەر ماۋ شىنيۈنى «ماۋ ئەزا» دەپ ئاتاشنى بەكرەك ياقتۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغانلىقىدىن باشقا، ئۇنىڭ بوۋىسى ماۋ زېدوڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب ھاياتىدا ئامما تەرىپىدىن «ماۋ ئەزا» دەپ ئاتالغان. داھىينىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزا ماۋ شىنيۈ ئىنتايىن قارشى ئېلىندى، ئۇنىڭ چىقىشقاقلىقى كۆپچىلىككە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى