باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى 8 بەلگىلىمى ئەمەلىيلەشتۈردى

2014.03.17 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى ھەمدە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تورى يېقىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلان قىلدى. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش، راسخوتنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشى چىقىمى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تارماقلار قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى چارىسى ئورناتتى. يىغىن پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىغىن ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، چىقىمنى ئازايتتى. يىغىن راسخوتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52، تەربىيەلەش راسخوتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئازايدى. نۇرغۇن تارماقلار تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى، يېڭى يىل، چاغان قاتارلىق بايرام مەزگىلىدە توغرا ئىستىل بىلەن ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئامۇمنىڭ پۇلىغا بايراملىق سوۋغا بېرىش، زىياپەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى ئەيىب بىلىنمەيدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى كۆرۈنەرلىك توستى. ئومۇمنىڭ پۇلىغا كۈتۈۋېلىش راسخوتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش راسخوتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39 ئازايدى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 8 بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىلگىرىكى خىزمەتلەردە يوچۇقلارمۇ ساقلاندى، شۇڭا كەلگۈسىدە يەنە ياخشى مېخانىزم ئارقىلىق، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بۇنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر