باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى فىلىپپىننىڭ ماجىرانى سوتقا سۇنغانلىقى ھەققىدە توختالدى

2014.03.31 09:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 30-مارت فىلىپپىننىڭ جۇڭگو-فىلىپپىن تالاش-تارتىش كېسىم سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  خوڭ لېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل. جۇڭگو نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا قارىتا مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو فىلىپپىننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسىنى خەلقئارا كېسىمگە سۇنۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. بۇ مەيدانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. ئارال خادا تاشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسى ۋە دېڭىز ساھىلىنىڭ چېگراسىنى ئايرىش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەت بىلەن ماجىرانى بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. بۇ-جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىمزالىغان «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»دا ئېنىق بەلگىلەنگەن شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن بىر يۈرۈش ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتلەردە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش. فىلىپپىننىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

  خوڭ لېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فىلىپپىن ئۆزىنىڭ ئەرزىنى قانداق پەردازلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى-فىلىپپىننىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى قىسمەن ئارال خادا تاشلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىدا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئىككى تەرەپ ئارال خادا تاشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ساھىلىنىڭ چېگراسىنى ئايرىشنى چۆرىدەپ تالاش-تارتىش قىلماقتا. 2006-يىلى جۇڭگو «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى تالاش-تارتىشنى كېسىم تەرتىپىدىن چىقىرىۋەتكەن. جۇڭگو فىلىپپىن ئوتتۇرىغا قويغان كېسىمدە تولۇق خەلقئارا قانۇن ئاساسى بولۇشنى رەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ «ئەھدىنامە» تۈزگۈچى دۆلەت سۈپىتىدىكى قانۇنلۇق مەنپەئەتى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر