باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپسنىڭ يېرىمى خىزمەتلىرىنى باشلىدى

2014.03.31 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: مەركەز كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى ئايرىم ئايرىم شەندۇڭ، تيەنجىن، خېنەن قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل تۇنجى نۆۋەتلىك 14 كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 ئى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغان رايونلارغا بېرىپ خىزمەتلىرىنى باشلىدى، بۇ نۆۋەت ئاساسلىقى ھوقۇق پۇل سودىسى ۋە ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەكشۈرۈلىدۇ.

  29-مارت مەركزنىڭ 4- كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى شەندوڭ ئۆلكىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەركەزنىڭ 4- كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنيۆ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈشتە رەھبەرلىك بەنزىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەزالىرى بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسۇللىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

  «مەركەزنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى قائىدىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر ئۈستىگە ئالىدۇ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك چارىلاش مەخسۇس خادىمى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنباسار كادىرلار ئۈستىگە ئالىدۇ، مەركەز كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش تەرتىپى بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەر قېتىملىق چارىلاش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن گۇرۇپپا باشلىقى نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپا باشلىقى بىر نۆۋەتلا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر