دۆلەت ئىچىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، تورمۇزلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيە يىغىش، شەھەر ئېلېكتىر تورى توك ئېنېرگىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى يېشىل ئېنېرگىيەلىك تۇنجى رېلىسلىق توكلۇق ئاپتوموبىل يېقىندا كەسپىي تېخنىكا باھالىشىدىن ئۆتتى. مۇتەخەسسىسلەر باھالاش پىكرىدە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئاپتوموبىل مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، ئېلىمىزنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈنۈملۈك يول ھازىرلاپ بەردى.
بۇ تېخنىكىنى تەتقىق قىلغۇچى، جياڭسۇ جوڭلياڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ جىنچېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچتە بىر گەۋدىلەشكەن يېشىل ئېنېرگىيە-ئاپتوموبىل ماڭغاندا ئۈچتىن بىر قىسمىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، ئۈچتىن بىر قىسىمدا ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاش ئارقىلىق تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئاپتوماتىك يىغىۋېلىش، ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىتتا شەھەر ئېلېكتىر تورىدىن پايدىلىنىش ۋە زاپاس توكنى ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا شەھەر ئېلېكتىر تورى پەقەت زاپاس توك مەنبەسى بولىدۇ.