باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شەھەر بازارلارنىڭ تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى چىقىرىلدى

2014.03.31 09:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى يېقىندا« شەھەر بازارلاردا تۇرالغۇ ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»غا ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا باشلىدى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا: شەھەر بازارلاردا تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى شەھەر بازارلاردىكى ئائىلىلەر ۋە سىرتتىن شەھەر بازارلارغا كېلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئېنىق بېكىتىلدى شۇنداقلا ئىجارە بېرىش، سېتىشقا ئالاقىدار شەرتلەر ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: شەھەر بازارلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىدە ئۆي قىيىنچىلىقى بار، كىرىمى تۆۋەن قاتارلىق بەلگىلىمىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر بازار ئائىلىلىرى ۋە سىرتتىن شەھەر بازارلارغا كېلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ياردەم بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئۆي تەلىپى قاندۇرىلىدۇ.

  جۇڭيۈەن يەر مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: بۇنداق ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولىدىغانلار كۆپىنچە بۇ يەر نوپۇسىدا بولمىغان سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر بولىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا كەلگۈسىدە بۇ سىستېمىغا تەدرىجىي كىرىش ئۈچۈن كاپالەتلىك ئۆيلەرنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى ئىلگىرىكى %20 دىن %30 دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىجارە ئالغۇچىنىڭ كاپالەتلىك ئۆينى ئىجارە ئالغان ۋاقتى 5 يىلدىن ئاز بولماسلىقى لازىم شۇنداقلا كاپالەتلىك ئۆينى سېتىۋېلىش شەرتىگە توشىدىغانلار ئىجارە بەرگۈچىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئىجارە ئالغان ئۆينى سېتىۋالسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر