خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-مارت، نيۇيورك ب د ت باش ئىشتابىدا، ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى جېشكا (ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سېرگېيېف (سولدىن بىرىنچى) ب د ت يىغىنىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارارى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىدۇ. 68-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا 27-مارت ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دائىر ۋەدە بېرىلىش بىلەن بىرگە ئۇكرائىنا كرزىسىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىۋاستە سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى نيۇ شاۋلېي فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى