سەئۇدى ئەرەبىستان MBC تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 2002-يىلى 17-ئاپرېل تارقاتقان بۇ ۋىدىئودا سۇلايمان ئەبۇ گايىز ‹‹11-سېنتەبىر›› ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا
‹‹ بازا ›› تەشكىلاتىنىڭ سابىق كاتتىبېشى بىن لادېننىڭ باياناتچىسى (كۈيئوغلى) سۇلايمان ئەبۇ گايىز 26-مارت ئامېرىكا نيۇيوركتىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان . ئۇ ئامېرىكىلىقلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ، جىنايىتى رەسمىي تۇرغۇزۇلغان . پەرەزلەرگە قارىغاندا ، ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن . ئامېرىكا ‹‹11-سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، سۇلايمان ئەبۇ گايىز بىن لادېن بىلەن بىرلىكتە ۋىدىئو چاستوتىلاردا پەيدا بولۇپ ، ئامېرىكىلىقلارغا ‹‹11-سېنتەبىر›› ۋەقەسىدەك ئۇسۇلدا داۋاملىق ھۇجۇم قوزغاشنى تەرغىب قىلغان .