باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورا قالدۇقىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى

2014.03.31 10:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولغان «يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قالدۇق چېكى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى ئۆلچەم بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قالدۇق چېكىنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى 2293 تۈردىن 3650 تۈرگە كۆپەيتىلدى. يېڭى ئۆلچەم خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن ئاساسەن تۇتاشتۇرۇلدى. يېڭى ئېلان قىلىنغان ئۆلچەمدە، خەلقئارا يېمەكلىك قانۇنلىرى توپلىمى كومىتېتى تۈزگەن چەك ئۆلچىمىدىن 1999 ى بار. ئۆلچەم تۈزۈش جەريانىدا، بارلىق چەك ئۆلچىمى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇلۇپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باھاسى قوبۇل قىلىندى.

  بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئۆلچەمدە، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى كېڭەيتىلدى. يېڭى ئۆلچەمدە 284 خىل يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۈچۈن كۆپ خىل دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق چېكى ئۆلچىمى بەلگىلىنىپ، كۆكتات، مېۋە-چىۋە، دانلىق زىرائەت قاتارلىق 12 خىل چوڭ زىرائەت ياكى مەھسۇلات ئۆز ئىچىگە ئېلىندى. دائىملىق دانلىق زىرائەت، كۆكتات، مېۋە-چىۋىدىن باشقا، يەنە مېۋە شەربىتى، بالقاق، قۇرۇق يېمىش قاتارلىق بىرلەمچى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ چەك قىممىتى تۇنجى قېتىم تۈزۈلۈپ، پۇقرالار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك تۈرلىرى ئاساسەن قاپلاندى. كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق يېڭى يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەك ئۆلچىمىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىش-يېڭى ئۆلچەمنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر