باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامما ۋە تاراتقۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى قۇرۇلدى

2014.03.31 09:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26 - مارت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامما ۋە تاراتقۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئەترەت شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تەۋەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن تىزىملىتىشى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنى بەلگىلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇپ، سىياسىي ئېڭى يۇقىرى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىنىڭ ساھەسىگە پىششىق، تەسىر كۈچى زور بولغان پېشقەدەم پىروفېسسور ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بولۇپ 130دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ ئەترەتنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت − پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ھەر قايسى پەنلەر ساھەسىدىكى بايلىق مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئامما، جەمئىيەت، تاراتقۇلار ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ئىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ ئەترەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، چارۋىچىلىق، زىرائەتلەرگە كېسەل تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېۋە كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش، ئورمان بەرپا قىلىش، يېمەك - ئىچمەكنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىخەتەرلىك، سۇ قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مائارىپ، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتتە ئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ ھەرقانداق سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن. مۇراسىمدا «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى»، شىنجاڭ دېھقانلار تورىنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللىرى بۇ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ، ئۇلار ئۈچۈن ھازىرلانغان سەھنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىغا بىرلىكتە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدا سورالغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر