- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ ۋە ھوللاندى جۇڭگو ــ فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى
2014.03.28 15:44 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ــ فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى تۈنۈگۈن پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىرلىكتە يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ــ فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سىياسىي تەشەببۇسىنى شەرھلىدى، جۇڭگو فرانسىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ۋە فرانسىيە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا بىر بىرىنى چۈشىنىپ، بىر بىرىگە ياردەم بېرىپ، «جۇڭگو ــ فرانسىيە ئارزۇسىنى» بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر