باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاك گيۇنخاي ئابېي شىنزونىڭ يېقىنچىلىق قىلىشىغا پىسەنت قىلمىدى

2014.03.27 20:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە J-CAST تورىنىڭ 26-مارت خەۋىرى، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە گائاگادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا-ياپونىيە-كورېيە باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، كورىيە زوڭتوڭى پاك گيۇنخاي ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېي شىنزونىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي، ياپونىيەلىك تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىندا ئابېي شىنزو كورېيە تىلىدا پاك گيۇنخايغا «بۇ قېتىم پاك زوڭتوڭ بىلەن كۆرۈشەلىگىنىمگە ئىنتايىن خوشالمەن» دەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن. بىراق پاك گيۇنخاي ئابېينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي، تۆۋەنگە قاراپ تۇرغان. ئىككى تەرەپنىڭ «چوڭقۇر ئاداۋىتى» ئېسىگە كەلگەن ئابېي شىنزو تاراتقۇلار ئالدىدا ئامالسىز گېپىنى ئۆزگەرتىپ، «سۆھبەت ئارقىلىق، ياپونىيە-كورېيە ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئورتاق تېمىلارنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتۇق» دېگەن.

  ياپونىيەلىك تورداشلار كورېيە زوڭتوڭىنىڭ «بىھۆرمەت»لىك قىلغانلىقىغا ئىنتايىن نارازى بولغان، ياپونىيەنىڭ بىر ھۆكۈمەت خادىمى چۈشەندۈرۈپ: «پاك زوڭتوڭ ئالدىنقى كۈنى زۇكام بولۇپ قاپتىكەن، بەلكىم بىئارام بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن»، دېگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر