باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا 28-مارتقىچە تۇمان تۈتەكلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

2014.03.28 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-مارتتىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى، تىيەنجى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدا ئېغىر تۇمان تۈتەك پەيدا بولدى، جايلار ھاۋا بۇلغۇنۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جىددىي تەدبىر قوللاندى.

  مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ تاۋ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 24-مارتتىن باشلاپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلار سىتاتىك تۇرغۇن ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ھاۋا بۇلغۇنۇشى ئېغىر بولۇپ، تۈتەك پەيدا بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 27-ۋە 28-مارت تۈتەك يەنە ئېغىرلىشىدۇ، بۇنداق ھاۋا رايى 28-مارت كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ، سەل كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالدىن جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېيدىكى تۈتەك بولغان رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈتەك شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاستا ئاستا ئاجىزلاپ، تارقايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر