باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى: تاكسى چاقىرىش يۇمتالى تولۇقلىمىسى ئادىللىققا توسالغۇ بولىدۇ، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىش كېرەك

2014.03.28 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بىر قىسىم شەھەرلەر تاكسى چاقىرىش يۇمتالىنى «تەرتىپكە سالدى»، «دىدى»، «كۈەيدى» قاتارلىق تاكسى چاقىرىش يۇمتالى شىركەتلىرى تولۇقلىمىنى بەس-بەستە تۆۋەنلەتتى، بۇ بازاردا ئالقىشلانغان تاكسى چاقىرىش يۇمتاللىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى ئەندىشىگە پىلىك بولۇپ قالامدۇ-قانداق؟ لى ياڭ مۇنداق دېدى: تاكسى چاقىرىش يۇمتالىغا قارىتا، سىياسەت تەتقىقاتىدا يەنىلا ئىلھام بېرىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش يولى تۇتۇلىدۇ.

  لى ياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: تاكسى چاقىرىش يۇمتالى تېلېفوندا تاكسى چاقىرىشنىڭ يېڭىچە مۇلازىمەت شەكلى بولۇپ، تېلېفوندا تاكشى چاقىرىش كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، بۇ مۇلازىمەت ئەندىزىسى خېرىدارلارنىڭ تاكسى چاقىرىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، تاكسىنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇق يۈرۈش ۋاقتىنى ۋە شەھەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئازايتىشقىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقىدىغان ياخشى ئىش. تاكسى چاقىرىش يۇمتالى يەنە ئاقىل قاتناشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر