باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسى قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ كېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2014.03.31 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى 28-مارت چۈشتىن بۇرۇن شېنياڭ تاۋشيەن خەلقئارا ئايرودرومىدا كورىيە جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسى قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىشنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسى بارىلىققا كەلتۈرگەن ئۆچمەس تۆھپىنى باشتىن ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق. تىللاردا داستان قىلغۇدەك، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن قەھرىمانلىق مەدھىيىسىنى يېزىپ قالدۇرغان پىدائىيلار ئارمىيىسى ئەسكەرلىرى،ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ قۇربان بولغان ئەسكەرلىرىنى باشتىن ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق. كورىيىدىن پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ قۇربان بولغان ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ كېلىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى لەرزىگە سالىدۇ. جۇڭگو بىلەن كورىيە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق،بۈگۈن كورىيىدىكى پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ قۇربان بولغان 437 ئەسكىرىنىڭ قالدۇق سۆڭىكى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر