باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى

2014.03.31 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 28-مارت چۈشتىن كېيىن، گېرمانىيە كولبېرد فوند جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرلىندا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى ۋە مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە نۇرلاندۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشىدىن شەكىللەندۈرگەن ئاڭلىق تاللىشى، ئىدىيە ئىشەنچىسى بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاڭلىقلىقىنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى بۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن ئىككى ئاساسى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. بىرى- ئىناق مۇقىم بولغان ئىچكى مۇھىت، يەنە بىرى- تىنچ خاتىرجەم بولغان خەلقئارا مۇھىت. تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا قەتئىي چىڭ تۇرغاندىلا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغاندىلا، جۇڭگو ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن گېرمان مىللىتى ئىككى ئۇلۇغ مىللەت، ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇنداق ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى بىر مۇھىم ئامىل ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ئەھۋالى، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئۆز ئارا چۈشىنىشى، بىر بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى، قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولۇشى، قارشى تەرەپ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مەسىلىنى ئويلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە.

نۇتۇق ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەق مەيداندا ئاڭلىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر