باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى كەسپىي كومىتېتى قۇرۇلدى

2014.03.31 10:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو ئىنسانشۇناسلىق مىللەتشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتى مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى كەسپىي كومىتېتى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى پېنى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر زور ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جيەنۋۇ يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 21-ئەسىردىكى يەرشارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئوخشىمىغان ئىرىقلارنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى كەڭ قوللىنىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە. ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپى، قوش تىل مائارىپى، يەرلىك مائارىپ، جىنىس مائارىپى، ئاجىز كىشلەر توپى مائارىپى تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات نەزىرىيىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ ئىلىم تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ئىلىم پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر