باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىقتىسادى ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرماقتا، دېدى

2014.03.28 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ 26-مارت لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە قىسمەن ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا لياۋنىڭ، جېجياڭ، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەمدە كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىچكى تاشقى ئىقتىسادى ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ بولماقتا، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ئومۇمەن ياخشى بولدى، ئىقتىسادى تەرەققىياتتا بەزى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى، لېكىن تەرەققىيات داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە خېيىم-خەتەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىر ئىقتىسادى ھەرىكەت يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرماقتا، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى تېخى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئون مىليون كىشى كۆپەيدى. تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىدىمۇ چوڭ داۋالغۇش بولمىدى، ئىستېمال ئومۇمىي سەۋىيەسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادى ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرماقتا.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كەپىلىك رايونلار ۋە ئالاقىدار شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ بېرىمىز، يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا غەربى رايونلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى جۈملىدىن شەرقتىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول قۇرۇلۇشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇنى پائال قوللايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ئەمەلىي ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، پۇل مۇئامىلىنى ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاش، بولۇپمۇ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئورۇنلاش، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر