باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش

2014.03.31 13:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى

  جۇڭ شيۇلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق پاي شىركىتى قۇرۇلۇپ، خوتەن گىلەمچىلىكىدىكى مەبلەغ قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، تايانچلار تەربىيەلەش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى بۇلتۇر قۇرۇلغان شىنجاڭ خوتەن يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي شىركىتىنىڭ يىلدا 3500 توننا گىلەم يىپى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئارىلاش مۈلۈكچىلىك شەكلىدە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى ۋە سىناق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  131 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ يۇڭ توقۇمىچىلىق تۈرى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق پۈتۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى يىللىق سېتىش كىرىمى 132 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بىۋاسىتە 500 كىشىنىڭ، ۋاسىتىلىك 40 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى 2006 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار، مۇھىم قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تۈرنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن ئارىلاش مۈلۈكچىلىك شەكلىدە بولۇپ، ھەمكارلىشىش ئوبيېكتى دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا، چەت ئەل كارخانىسى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا قاتارلىق ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا ھازىر غەربىي رايون ساياھەت شىركىتى، ‹‹شىلۇڭ›› قۇرۇلۇش يېڭى ماتېرىياللىرى پاي چەكلىك شىركىتى، ‹‹خۇڭتەي›› كانچىلىق چەكلىك شىركىتى، تەڭرىتاغ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، ‹‹لەنشەن تۈنخې›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، ‹‹لەندې›› نازۇك خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ ‹‹جىنشى›› ئاسفالت پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق پېيى بازارغا سېلىنغان ئونغا يېقىن كارخانا بار. بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار. شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى دۆلەت پايچىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئاكسىيەلىشىش سەۋىيەسى ۋە دۆلەت كاپىتالىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىن باشقا ئىگىلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى.

  شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋاڭ شۆبىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ باشقۇرىدىغىنى مەھسۇلات ئەمەس بەلكى پاي ھوقۇقى. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە رولغا ئىگە. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز.

  نېفىت – خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ساياھەت قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ سېلىنمىسىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇش شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. دۆلەت كاپىتالىنىڭ ‹‹ئاز كۈچ بىلەن زور ئۈنۈم يارىتىش›› رولى ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ، ‹‹كونىكا›› شىركىتىنىڭ يىلىغا 400 مىڭ توننا ئاروماتلاشتۇرۇش تۈرى، ‹‹شىفېڭ›› شىركىتىنىڭ يىلغا 300 توننا يېنىك ھىدرو كاربون ئايرىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈرئىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ماكانلىشىشى، مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى دۆلەت كاپىتالىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، قوشۇۋېلىش ۋە پېيىنى كونترول قىلىش، پاي قوشۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىپ، شىركەتنىڭ مۈلۈك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاخىرىدا كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر