باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىلدا تەربىيەلەنگەنلەر مىليوندىن ئاشتى

2014.03.31 15:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماھارەت تەربىيەسى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى

  جاڭ شىنيۈ

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يەنە 1 مىليون كىشىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە شەھەر – يېزىلاردىن 61 مىڭ ئىشسىز كىشى؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 330 مىڭ كىشى؛ زاپاس ئەمگەكچىدىن 31 مىڭ كىشى؛ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە 36 مىڭ كىشى؛ خىزمەتتىكى ئىشچىلاردىن 542 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىدىكەن.

  زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80 كە يەتتى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون 2011 – يىلى ‹‹كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويدى. 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن مالىيە نازارىتى ‹‹تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››، ‹‹جىددىي ئېھتىياجلىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› قاتارلىقلارنى تارقاتتى. بۇ سىياسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر 2 – ، 3 – كەسىپكە يۈزلىنىپ، زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى ھەم كارخانىلار قوبۇل قىلماقچى بولغان 377 مىڭ كىشىنى تەربىيەلىدى، 296 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %78.5كە يەتتى؛ يېزىلاردا يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، 333 مىڭ كىشىنى تەربىيەلىدى، 265 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسىبىتى %80كە يەتتى. بۇ ئىككى تۈرلۈك تەربىيەلەش شەھەر – يېزىلاردىكى ئىشىسىز ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ %79ىنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80كە يېقىنلاشتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تېخنىكا تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

  تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى›› يولغا قويۇلدى

  ئاپتونوم رايون ئىختىساسلىقلار رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، 2012 – يىلى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانى(2011 – 2020)››نى تۈزۈپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سان قۇرۇلمىسى، خىزمەت سىستېمىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە ماھارەتلىك ئەمگەكچى ئومۇمىي سانى 2 مىليۇن 400 مىڭغا يېتىدۇ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىق 680 مىڭغا يېتىپ، ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنىڭ %28ىنى ئىگىلەيدۇ.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 24 مىڭ كىشى يۇقىرى ماھارەت يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا قاتنىشىپ، يىللىق نىشان %108.7 ئورۇندالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق كەسىپ، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ 4093 كىشىنى يۇقىرى ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى، 30 مۇنەۋۋەر يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقنى تەقدىرلىدى؛ سانجى ئوبلاستى مۇنەۋۋەر يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختساسلىقلار، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئىشخانىلىرىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە باشلامچىلىق بىلەن ئوبلاست دەرىجىلىك ئالتە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئىشخانىسى قۇردى، مۇنەۋۋەر يۇقىرى ماھارەتلىك 20 ئىختىساسلىقنى تەقدىرلىدى.

  تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 38 مىڭ كىشى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىگە قاتنىشىپ، 19 مىڭ 700 كىشى ئىگىلىك تىكلەپ، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى %51.3كە يەتتى ھەم 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 28 ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 11مىڭ 500 كىشى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىگە قاتنىشىپ، 2700ى مۇۋەپپەققىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىدى، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى %23.5كە يەتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر يىللىق ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. قۇمۇل، ئالتاي قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى ئاپتونۇم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  بۇ يىل ئاپتونۇم رايون ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ. ئاساسلىقى شەھەر – يېزىلاردىكى ياش ئەمگەكچىلەر، يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ‹‹ئىگىلىك تىكلەش + ماھارەت +ئەمەلىيەت››، ‹‹ئىگىلىك تىكلەش+ پىراكتىكا›› قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە تەربىيەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىگىلىك تىكلەش تەقلىدىي پىراكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر