- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئوباما بەش يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدى
2014.03.31 10:24 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 28-مارت كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ باردى، بۇ ئوبامانىڭ 2009-يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. شۇ كۈنى، ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئىلىپ باردى. ئاقساراي تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوباما ئابدۇللا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى جۈملىدىن سۈرىيە كىرىزىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنى ۋە قىزىق نۇقتىلىق رايون مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر