باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۇ يىلقى 2–قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

2014.03.31 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 26 – مارت چۈشتىن بۇرۇن بۇ يىلقى 2 – ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭەشتى ھەم مۇزاكىرىلەشتى، شۇنداقلا كەڭ دائىرىدە پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭەشلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ بەردى؛ ئارقىدىن ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ئەشيا ئوبوروت جەمئىيىتى، كارخانىلار، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەسئۇللىرى پىكىر بايان قىلدى.

  يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق يىرىك پىلان بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كارخانىنىڭ سۇبېيكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، ئەشيا ئوبوروتى تەمىناتى بىلەن بازار ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى، تۆمۈر يول، يول، ئاۋىياتسىيە ۋە تۇرۇبا يولى قاتارلىق تىرانسپورت ئۇسۇلى ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت، كونتېينېر تىرانسپورتى، ۋاگون چېتىش تىرانسپورتى ۋە شەھەرلەرنىڭ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تىجارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مۇھىم كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى بازىرى قورۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپلەر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى تورىدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەمىنات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىغا دائىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروتى ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە بولۇپ، ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى مەسلىھەتچى بولۇپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر