- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلدى
2014.03.31 10:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى تۈنۈگۈن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئېچىلدى.
قازاقىستان، جۇڭگو، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 6 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ماقۇللاندى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيچىلىككە زەربە بېرىشنىڭ 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىروگراممىسى » ۋە رايون تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رايون تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2013-يىلىدىكى خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر