باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان ئاللا پارتىيەسى سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى

2014.03.31 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى نەسرۇللا 29-مارت ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  نەسرۇللا شۇ كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بازار ئېناتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللا پارتىيەسى سۇرىيەنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق تەلىپىنى قاندۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاللا پارتىيەسى سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە سۇرىيە دۆلىتىنى ۋەيران قىلىشنى قۇۋۋەتلىمەيدۇ، بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى سۇرىيەگە تېڭىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋاسىتە بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قۇترىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر