باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئۇكرائىناغا ئولجا ئالغان قورال-جابدۇقلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

2014.03.31 10:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 28-مارت رۇسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇكرائىناغا قىرىمدا ئولجا ئالغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قورال جابدۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شۇ كۈنى پۇتىنغا دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىناغا قايتىشنى خالايدىغان ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرى قىرىمدىن ئايرىلدى، رۇسىيىگە سادىق بولۇشنى خالايدىغان ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشمۇ ئاخىرلاشتى. ئۇ پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ئىلگىرى قىرىمدا تۇرغان ھازىر ئۇكرائىناغا قايتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرىنىڭ قورال-جابدۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى، پۇتىن بۇنىڭغا قوشۇلدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىپە قىرىم ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى كۈچلۈك تارماقلىرى قىرىمدا شۆبە ئورگانلىرىنى قۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر