باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ سەككىز پاراخوتى يېڭى ۋەزىپە رايونىدا ئىزدەشكە ھەمكارلىشىدۇ

2014.03.31 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋستىرالىيە دېڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى 30-مارت كەچقۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى ئىزدەشتە ئېنىق بايقاش بولمىدى، 29-مارت ئىككى پاراخوت سۈزۈۋالغان بۇيۇملارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  جۇڭگونىڭ «قار ئەجدىھاسى» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز پاراخوتى 30-مارت جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى يېڭى ۋەزىپە رايونىدا ئىزدەشكە ھەمكارلاشتى.

  ئېلىمىزنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى مالايسىياغا يېتىپ كەلگەن جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋائىباتلىرىنى يوقلىدى.

  30-مارت، ئېلىمىزنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ خۈيكاڭ ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كۇنسۇل مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شاۋچۈن قاتارلىقلار شۇ كۈنى مالايسىياغا يېتىپ كەلگەن MH370 ناملىق نۆۋەتلىك ئايروپىلاندىكى بىرقىسىم جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋائىباتلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەمدە مالايسىيا تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ تۈركۈمدە يېتىپ كەلگەن ئائىلە تاۋائىباتلار 29 كىشى بولۇپ، ئۇلار ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، مالايسىيا تەرەپكە دەۋا تەلىپى ئەقلىي ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مالايسىيا تەرەپ ئائىلە تاۋائىباتلارغا ئەھۋالدىن تەپسىلىي خەۋەرلەندۈرۈشنى ۋەدە قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە بېكىتكەن نۇقتىلىق رايون ئاساسىدا ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو دېڭىز قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ئېگىلىشىمىزچە، 30-مارت ئېلىمىز پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي دېڭىز رايونلىرىدا داۋاملىق ئىزدەۋېتىپتۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر