باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش تەتقىقاتتا بولدى

2014.04.01 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-مارتتىن 30-مارتقىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ چېگرا بويىدىكى پوللىك مەيدانلىرى، كارخانا، باغچىسى، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ھەققىدە ئورتاق كېڭەشتى.

  يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىغا بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنى ئەمەلىي تەكشۈردى، ئۇ يەنە باۋگاڭ گۇرۇھى باگاك شىركىتىنىڭ قەشقەردىكى مىليون توننا مېتال بۇيۇملىرى بازىسى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەمگەك زىچ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئۇ پەن قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يادروسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇڭا ئەمگەك زىچ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەمەلىي قوللىنىش ماھارەتلەردە تەربىيەلەش ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، قوش تىل مائارىپى سۈپىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگەللەپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەقىقىي تېزلىتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشان ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر