- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ: گەپ ھەر قانچە يېقىمسىز بولسىمۇ ئاڭلىشىمىز كېرەك
2014.04.01 17:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 2-تۈركۈملۈك ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى بولغان ئىچكى موڭغۇل ئوڭنۇد خوشۇنلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئەل قەلبىنى ئېنىق چۈشىنىپ، ئەل قەلبى، ئەل رايى ۋە ئەلنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلىشىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ئۇ قەدىمكى «خەلق قوشاقلىرىنى توپلاش تۈزۈمى» يەنى ئەمەلدارلارنىڭ خەلق قوشىقى ئارقىلىق خەلق ئەھۋالىنى، ھۆكۈمەت ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئامما ئارىسىدىن كەلگەنىكەنمىز، ئاممىنىڭ ۋايساشلىرى ۋە پىكىرىنى ئاڭلاشتىن قورقماسلىقىمىز، گەپ ھەر قانچە يېقىمسىز بولسىمۇ ئاڭلىشىمىز كېرەك. (ياڭ جيا خەۋىرى; جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر