باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننى قۇتقۇزۇشنىڭ كېيىنكى لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى

2014.03.17 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزى مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى 16-مارت مالايسىيانىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى ئاختۇرۇش لايىھەسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلدى. نەق مەيداندىكى پاراخوتلاردىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئارقا سەپ تەمىناتىنى تولۇقلاپ، مالايسىياغا بارغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى قۇتقۇزۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مالايسىيانىڭ قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: 15-مارت سائەت 18گىچە، جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش كۈچلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن گۇمانلىق دېڭىز ساھىلىدە 150 سائەتتىن ئارتۇق ئاختۇردى، ئاختۇرۇش كۆلىمى 89 مىڭ 52 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، ئۆلچەش كۆلىمى 8441.3 كىلومېتىرغا يەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە 15-مارت سائەت 12دىن 16-مارت سائەت 12گىچە، جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزى «يېڭى پۇدۇڭ»، «زىجىنسۇڭ» قاتارلىق ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قانچە سودا پاراخوتىنى ماسلاشتۇرۇپ، مالاككا بوغۇزى دېڭىز ساھىلىنى ئاختۇردى، ئاختۇرۇش كۆلىمى 840 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، گۇمانلىق ئەھۋالنى بايقىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر