باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى : ھەر قانداق تۈردىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلمايمىز

2014.03.17 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئورنى فىرانسىيەنىڭ لىئونغا جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دىققەت ئېتىبارنى مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننى ئىزدەش شۇنداقلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قىلىش سەۋەبىنى ئوتتۇرا يولدا يۆتكەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز ھەر قانداق تۈردىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلمايمىز. خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نوبۇر 11-مارت فىرانسىيەنىڭ لىئوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئوغرىلانغان پاسپورت بىلەن مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىغا چىققان ئىككى يولۇچىنىڭ ئىران پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، ئەمما ئۇلارنىڭ تېررورچى ئۇنسۇر بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس. بۇ ئىككىيلەننىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى يوق، ھەم تېررورچى ئۇنسۇرغىمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ساختا پاسپورت بىلەن چېگرىدىن كېرىپ چىقىش ۋە خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر