باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسلەر: شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مائارىپ پەرقىنى كىچىكلىتىشتە يېزا مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يېتىلدۈرۈش سىرتتىن كىرگۈزۈشتىنمۇ مۇھىم

2014.03.17 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، شەھەرلەردىكى يادرولۇق مەركەزلەردىكى سىناق قىلىنغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كەينى كەينىدىن شەھەر ئەتراپىدا شۆبە مەكتەپلەرنى قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مائارىپ بايلىقىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدەك ئەھۋال مەلۇم دەرىجىدە پەسەيدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزىلاردىكى ئاساسى ئاجىز بولغان مەكتەپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى ئاجىزلىشىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى جاڭ شۇاڭ قاتارلىق مۇتەخەسسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شەھەر يېزىلارنىڭ مائارىپ پەرقىنى كىچىكلىتىشتە، شەھەرلەردىكى داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يېزىلارغا تەكلىپ قىلىپلا قالماستىن، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆز جايىدا تەربىيەلەشكە پۇرسەت يارىتىش كېرەك،بۇ ئىنتايىن مۇھىم.

  جاڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەرگە: ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جايغا كېتىپ قېلىشى ئېغىر بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش؛ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشتات كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارغا يولۇقماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەرلىكنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ساپا مائارىپىنىڭ ئىلگىرى سۈرىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمەكتە، شەھەر يېزا مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار مائارىپ بايلىقى يېزا ۋە شەھەر ئەتراپىغا كېڭەيمەكتە، بۇ ئىلغار مائارىپ بايلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئەمما بىر مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پەقەت تاشقى كۈچكە تايىنىش يېتەرسىزلىك قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېزىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى شەھەرنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم، ئۇلار يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلەشنى بىلىدۇ، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك تەربىيەلەيدۇ، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرالايدۇ، ئەۋزەل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىلغار قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ئەينەك قىلىپ، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يادرولۇق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دىققەت قىلىپ، ئۆز مەكتىپىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ماس كېلىدىغان يولدا ماڭالايدۇ. بۇ يېزا مائارىپىنىڭ ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر