باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلارغا جازا بېرىلدى

2014.03.17 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بەزىلەر چېڭدۇ شەھىرى چۈنشى يولى پىيادىلەر كوچىسىدا بىر كىشى پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەن پىتنە ئىغۋانى توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاممىنى قورقۇتقان. مۇخبىر 16-مارت چېڭدۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنجياڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، پىتنە-ئىغۋا توقۇغان ۋە قەستەن تارقاتقان ئۈچ كىشى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازا بېرىلگەن.

  15-مارت جىنجياڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان: لى فامىلىلىك كىشى تېررورلۇق ئۇچۇرىنى توقۇغان، بۇ يالغان ئۇچۇرنى چەككەنلەر 100 مىڭدىن ئاشقان ھەمدە زور مىقداردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان. بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى، بۇ كىشى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلدى؛ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شيې فامىلىلىق ئوقۇغۇچى ساختا ئۇچۇر توقۇغان، لېكىن ئۇنىڭ خاتالىقىنى تونۇش ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى ھەمدە ساختا ئۇچۇرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆچۈرىۋەتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا قانۇنغا ئاساسەن ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازا بېرىلدى، ھەمدە مەكتەپنىڭ تەربىيەلەپ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى؛ چېن فامىلىلىك تىجارەتچى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا خەتەرلىك ئۇچۇر تارقىتىپ قورقۇش كەشپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى، ئۇنىڭغا قانۇنغا ئاساسەن ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازا بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر