خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارت ئۇكرائىنا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامىنتى ، قىرىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت نامىنىڭ قىرىم جۇمھۇرىيىتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، 100 كىشىلىك قىرىم پارلامېنتىدىن 85 ئەزا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ، مۇستەقىللىق قارارى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. قىرىم پارلامېنتى يەنە رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە، يېڭى بىر ئاپتونومىيە گەۋدىسى سۈپىتىدە رۇسىيە فىدراتسىيىسىگە قېتىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. قىرىم پارلامېنتى يەنە، شۇ كۈندىن باشلاپ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قىرىم جۇمھۇرىيىتىگە ھوقۇق ۋە ئەسلىھەلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى قارار قىلدى. پارلامىنت ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ ئاخباراتىدا، قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ باراۋارلىك، تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئاساسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئۇكرائىنا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئورنى ھەققىدە 16-مارت پۈتۈن خەلق ئاۋاز بەردى. پۈتۈن خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مالېشېۋ 17-چېسلا، پۈتۈن خەلق ئاۋازىغا قويۇشنىڭ سىتاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقانلارنىڭ %96دىن كۆپرەكى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن،دەپ ئېلان قىلدى.