- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى
جەنۇبى دېڭىز جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزدەشتىكى مۇھىم نۇقتىسى بولماي قالدى
2014.03.18 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 17-چىسلا مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا بېكىتكەن پىرىنسىپىنىڭ ئىزدەش كۈچلىرىنى ئازايتماي، ئىزدەش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى، ھازىر جەنۇبى دېڭىز جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزدەشتىكى مۇھىم نۇقتىسى بولماي قالغانلىقىنى دېدى.
خوڭ لېي مۇنداق دېدى، مالايسىيا ھۆكۈمىتى 15-چېسلا مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىنى ئىزدەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى چاقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە تولۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى، ئىزدەش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تىنچلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى. (مۇخبىر ليۇ دوڭكەي، جاڭ پېڭشيۇڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر