خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت نىگىرىيەنىڭ ئابۇجا شەھىرىدە، نىگىرىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يىللىق قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پايتەخت ئابۇجا، دەريا شىتاتى ۋە نىگىر شىتاتى قاتارلىق جايلاردىكى يىغىن سورۇنلىرىدا ئېغىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم ئۆلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى