ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسى يىللاردىن بۇيانقى تەجرىبە ــ ساۋاقلارنى ئەستايدىل يەكۈنلەپ، ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە مېۋىلىك باغلاردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىشتا خىمىيەلىك يوقۇتۇش بىلەن بىئولوگىيەلىك يوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، چىقىمنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى زىيانسىزلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 5500دىن ئارتۇق ھاشارەت يوقۇتۇش چىرىقى رېمونت قىلىنىپ، بىئولوگىيەلىك ھاشارەت يوقۇتۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلدى.
سۈرەتتە: 18- مارت ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىدىكى تېخنىكلار دېھقانلارغا ھاشارەت يوقۇتۇش چىرىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.