باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگولۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2014.03.14 08:22   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ جۇڭگولۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

  13-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر لى كېچياڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ «ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورى» مۇخبىرىنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مالايسىيانىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىدا 239 يولۇچى بولۇپ، بۇنىڭ 154ى جۇڭگولۇق، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىغانلىقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، ھازىر ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىگە جۇڭگونىڭ 8 پاراخوتى يېتىپ باردى ھەمدە بىز يەنە ئون سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى جەھەتتىن قوللاۋاتىمىز، گۇمانلىق ھەرقانداق نۇقتا بولىدىكەن ئۇنى قويۇپ بەرمەيمىز، بىرئازلا ئۈمىد بولىدىكەن، قۇتقۇزۇشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.

  لى كېچياڭ «خەلق گېزىتى» مۇخبىرنىڭ ھۆكۈمەت كېيىنكى باسقۇچتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە قانداق يېڭى ھەرىكەت قوللانماقچى دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ئىزچىل، چىرىك ئۇنسۇرلار، چىرىكلىك قىلمىشلىرى بولىدىكەن بىز ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇق ۋە پۇلنى باشقۇرىمىز. بۇ يىل ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز ھەمدە ھوقۇق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ھوقۇق چېگراسىنى بېكىتىمىز، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

  لى كېچياڭ «سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىنچ مۇقىم ئەتراپ مۇھىتى ۋە خەلقئارا مۇھىتقا مۇھتاج. جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك يولدا مېڭىش ئىرادىسى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئىرادىسىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، زىددىيەت نۇقتىسىنى كىچىكلىتىپ، ئىناق بىللە تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشقا مۇھتاج.

  لى كېچياڭ «جۇڭگو گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىسلاھاتتا قايسى ساھەلەردە ئەڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان گوۋۇيۈەن 40 قېتىم دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئاچتى. بۇنىڭ ئىچىدە 30 قېتىملىق يىغىندا ئىسلاھاتقا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ يىل بىز يەنە ئاپپاراتلارنى ئىخچاملىق ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز؛ يەنە مالىيە باج پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازارغا مەدەت بېرىمىز؛ قۇرۇلمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازارغا كىرىشنى، بولۇپمۇ مۇلازىمەت ساھەسى، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە كىرىشنى قويۇۋېتىپ، بازارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

  لى كېچياڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ تۇمانلىق ھاۋارايى مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە تۇمان قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا. بىزنىڭ يىرىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكلىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك، مۇھىت بۇلغاشنى قاتتىق تىزگىنلەش لازىم، قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش، مۇھىتقا، ئادەملەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا ھۆكۈمەت قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، قاتتىق جازالايدۇ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالغان، نازارەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…