- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گوۋۇيۈەن چەتئەل بىلەن بولغان مەدەنىيەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدە «پىكىر» تارقاتتى
2014.03.18 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «چەتئەل بىلەن بولغان مەدەنىيەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) تارقىتىپ، چەتئەل بىلەن بولغان مەدەنىيەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت ئېكىسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
«پىكىر»دە، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىككى بازار ۋە ئىككى خىل بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبېيكتىلىرىنى ئۇلغايتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك، دېيىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر