باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالاقىسى ئۈزلۈپ قالغان ئايروپىلاننى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي دېڭىز ئەمەس

2014.03.18 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، جۇڭگو ھازىر ئىزدەش، قۇتقۇزۇش

  كۈچىنى ئاجىزلاتماسلىق، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش يۆلىنىشىنى تەڭشەش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ھازىر ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي دېڭىز ئەمەس دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مالايسىيە ھۆكۈمىتى 15-مارت ئايروپىلاننى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو مالايسىيەنىڭ تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىنى، ئىزدەش، قۇتقۇزۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىزدا ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كۈچىنى قايتا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ. ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنى ئاجىزلاتماسلىق، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش يۆلنىشىنى تەڭشەش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ۋە ئەلچىخانىلىرى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىزدەش، قۇتقۇزۇشكە ياردەم بېرىشىنى، مالايسىيەنى ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەندە جۇڭگوغىمۇ ئۇقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىزدەش، قۇتقۇزۇش يەنىلا بىزنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىمىز، جۇڭگو مالايسىيە قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن مەھكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ. كىچىككىنە ئۈمىد بولسىلا بىز چوقۇم بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر