باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرى

2014.03.18 17:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پېرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن يەتتە نەپەر رۇسىيە ئەمەلدارى ۋە تۆت نەپەر ئۇكرائىنا ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاق ساراي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى تەرۇز قىلىشتا مەسئولىيىتى بولغان رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزىسىنى مەنئىي قىلىش ۋە مال مۈلۈكىنى توڭلىشتى قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرى رۇسىيە پېرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئىككى نەپەر مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دېمىتىرى روگچىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جازاغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنانىڭ سابىق پېرىزىدېنتى يانوكوۋىچ ۋە قىرىمنىڭ باش مىنسىتىرى سىرگى ئاكسىنوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچقان ھەم ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بولغان 21 ئادەمگە ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مال-مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ 21 ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە تەھدىد سالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر