- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو پاراخوتلىرى قۇتقۇزۇش، ئىزدەش دائىرىسىنى تەڭشىدى
2014.03.18 17:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو دېڭىز ئۈستىدە قۇتقۇزۇش، ئىزدەش مەركىزىنىڭ تونوشتۇرۇشىچە، جۇڭگو پاراخوتلىرى 18-مارت كوللېكتىپ ھالدا قۇتقۇزۇش، ئىزدەش دائىرىسىنى تەڭشىگەن، بېنگال قولتۇقى ۋە سۇنتا بوغۇزىدىكى قۇتقۇزۇش، ئىزدەش رايونىدا جەنۇب شىمال ئىزدەش رايونى قۇرغان. شىمالى قىسىم قۇتقۇزۇش، ئىزدەش رايونىنىڭ كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز چارلاش 31-پاراخوتى، جەنۇبى دېڭىز 115-قۇتقۇزۇش پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيەسى 99-پاراخوتى قاتارلىق تۆت پاراخوت، ئۈچ تىك ئۇچار بۇنىڭغا مەسئۇل بولغان. جەنۇبى قىسىم ئىزدەش، قۇتقۇزۇش رايونىنىڭ كۆلىمى 180 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز چارلاش 01-پاراخوتى، جەنۇبىي دېڭىز 101-قۇتقۇزۇش پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيەسى 171-پاراخوتى قاتارلىق بەش پاراخوت، ئۈچ تىك ئۇچار بۇ رايونغا مەسئۇل بولغان. ئىگىلىنىشچە، يېڭى جەنۇب، شىمال رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ھازىرقى تايلاند قولتۇقىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
جۇڭگو دېڭىز ئۈستىدە قۇتقۇزۇش، ئىزدەش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بېنگال قولتۇقى ۋە سۇندا بوغۇزىغا بېرىپ ئىزدەش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىزدەش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىشىمىز مۇمكىن. قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدىكى خادىملار دېڭىز ئوكياندا ئۇدا ئون كۈن ئىزدەپ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى سىناقنى باشتىن ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر