خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-مارت، «قار ئەجدىھاسى» ئاۋسترالىيەنىڭ بوس پورتىغا يېتىپ بېرىپ بۇيرۇق كۈتتى. شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاۋسترالىيە بوس پورتىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئېلىمىزنىڭ «قار ئەجدىھاسى» ناملىق قۇتۇپ رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پاراخوتىنىڭ تەييارلىقى تولۇق پۈتكەن بولۇپ، بۇيرۇق بېرىلسىلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنىڭ گۇمانلىق سۇنۇقلىرى بايقالغان جايغا يېتىپ بېرىپ ئىزدەشنى باشلايدىكەن.