باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 6 مىنىستىرلىك، كومىتېت «دۆلەتلىك يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانىغا» ئىزاھات بەردى

2014.03.20 17:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە مىنىستىرلىق، كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا «دۆلەت يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئومۇمىي پىلانى» غا ئىزاھات بەردى. بۇندىن كېيىن نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ.

  مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. بۇنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى بەلگىلىگەن. بېيجىڭدا 2000-يىلىدىن 2012-يىلغىچە بولغان 12 يىل ئىچىدە كۆچمە نوپۇستىن 5 مىليون 170 مىڭى كۆپەيگەن، ھەر يىلى 430 مىڭدىن كۆپەيگەن. شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېننىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش، نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاشكارا، ئادىل، تەرتىپلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، نومۇر ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە پەلەمپەيسىمان ھالدا نوپۇسقا ئېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر