باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇدىكى 85 تارماق تۇنجى قېتىم «ھۆكۈمەتنىڭ تۆت خىل راسخوتى»نى ئاشكارلىدى

2014.03.20 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئايدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان يېڭىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان خامچوت باشقۇرۇش چارىسىدە 85 ھۆكۈمەت تارمىقىدىن بۇ يىللىق خامچوت ھېساباتىنى بىر تۇتاش ئاشكارىلاش، خامچوت تەستىقلانغاندىن كېيىنكى 20 خىزمەت كۈنىدە پۈتۈنلەي توردا ئېلان قىلىش ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن «يىغىن ھەققى»نى ئاشكارىلاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى، بۇ «ئوموم پۇلىغا چەتئەلگە چىقىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە كۈتۈۋېلىش»تىن ئىبارەت «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل راسخوتى»دىن كېيىنكى 4- ھۆكۈمەت راسخۇتىغا ئايلاندى.

  مۇخبىر بىرمۇ بىر سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئاز ساندىكى تارماقلارنىڭ ئالاھىدە تۈر تەسس قىلغاندىن باشقا يەنە يىغىن راسخوتى خامچوتىنى كۆپەيتىكەنلىكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تارماقلارنىڭ يىغىن راسخوتى خامچوتىنى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، ئاز دېگەندە ئىككى خانىلىق ساندىن كۆپرەك تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بايقىدى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، خامچوت ھېساۋاتىنى بىر تۇتاش ئاشكارلىغان 85 تارماقنىڭ بۇ يىل يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پىلانى يوقكەن. سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش،سوت، ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىل سانى ئەڭ كۆپكەن.

  گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزاسى خەن جىپىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گۇاڭجۇ خامچوتنى تېخىمۇ ئاشكارىلىماقتا، ئەمما ھېساباتنى ئاشكارىلاشتىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا قانۇن تۇرغۇزۇشتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر