http://uyghur.people.com.cn/ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2014-يىللىق نەۋرۇز سالىمى
نەۋ باھاركەلدى خۇشپۇراق چېچىپ، ئۈمىد بىخلىرىنى دىللارغا تېرىپ
تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش
نورۇز ـــ جۇڭگو شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز، بالقان قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئىران تىللىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى قارشى ئالىدىغان خەلقئارالىق يېڭى يىل بايرىمى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە باھار ئۇدۇملىرى ــ كۆكلەمنى، يېشىللىقنى ئۇلۇغلاش، سۇ، ئوت، تۇپراق، قۇياشقا تېۋىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇراسىم ۋە ئېتىقادلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان ئومۇم خەلق بايرىمى.
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
يېتىپ كەلدى ئوتلۇق نورۇز، ئىللىق پەسىلدە،
خوشاللىق بار ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇت-بەستىدە.
بوۋىلارنىڭ قەلبى دېڭىز ھىكمەتكە تولغان،
ھېيلە –مېكىر، نەيرەڭ يوقتۇر ھىچكىم قەستىدە
پۇراپ بېقىڭ ھەممە جايدا نورۇز شەنىگە ،
ھۆرمەت بىلەن گۇل تىزىلدى دەستە-دەستىدە
مەيلى ئايال،مەيلى ئەرنىڭ ؛ قېرى ۋە ياشنىڭ،
سوقۇپ تۇرغان يۈرەكلىرى ئوتلۇق ئەسلىدە
ئەۋلاتلارنىڭ ئارزۇ-ھىكمەت ، ئەقىدىسى بار،
بۇ نورۇزنىڭ سىر،ھېكمىتى، پاكىز ۋەسلىدە
قاراڭ ئەنە بەزمە-مەشرەپ قىزىدى راسا،
كوچا-كويدا، مەكتەپلەردە ھەتتا يەسلىدە
سىزمۇ كېلىڭ!!! ۋىلىق-ۋىلىق كۈلەيلى بىرگە
گۈزەل ئاقسۇ دىيارىدا ، پاكىز رەستىدە
نورۇز ـــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھەم ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تويۇنغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈلۈپ ئەزىزلىنىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بىر قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، مېنىڭچە ئۇنىڭ خاسىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:   نورۇز ــ يېڭى يىل بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، يېڭى ھاياتلىق بايرىمى، نورۇز ــ ئەسلى دېھقانلار كالىندارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىمالىي يېرىم شاردا باھار دەل كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈنلىرى يەنى 20-12 مارتتىن باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەل تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار، جۈملىدىن ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلار جانلىنىدۇ ۋە بىخ سۈرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇنداق يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى شەمسىيە (قۇياش) يىلى ھېسابىدا دەل 21-مارتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىز ئۇنى قەدىمدە ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››، ‹‹كۆك بۇرناق››، ‹‹سۇمۇلە ئايىمى›› دەپ ئاتىغان بولسا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ‹‹نورۇز›› نامى بىلەن ئاتاشنى رەسمىي قىلىپ، شادلىنىپ بايرام قىلىپ كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىي خەقلەرنىڭ 12 مۈچىلى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالېندارىدىكى 21-مارتتىن باشلىنىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، شۇنداقلا تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنى قەدىرلەش، يېڭى ھاياتلىقنىڭ، يېڭى تارىخنىڭ باشلانغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بايرام ئۇدۇمىنى شەكىللەندۈرگەن.   
 نورۇز ــ پاكىزلىق بايرىمى. نورۇز ھارپىسىدا يېزا-قىشلاق، شەھەرلەردىكى ئاۋام خەلق ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلايدۇ. قوتانلارنى،ھاجەتخانىلارنى ئېرىغدايدۇ، كوزا-ئىدىش، قاپاقلارنى تازىلاپ، ئەگۈز سۇلىرى بىلەن توشقۇزىدۇ. ھويلا ئاراملارنى، يوللارنى پاكىز تازىلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقلىرىنى قىلىدۇ. قىز-ئاياللار ئوسما قويىدۇ. نورۇزدا كىيىشكە يېڭى، پاكىز كىيىملەرنى تەييارلايدۇ. دېمەك، نورۇز پاكىزلىنىدىغان، پاكىز مۇھىتتا، پاكىز ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىزلىق بايرىمى.   نورۇز ــ ياخشى، ساۋابلىق ئىشلار بايرىمى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى نورۇزنى خاسىيەتلىك دەپ بىلگەچكە، كىمكى نورۇز ھارپىسىدا، نورۇز مەزگىلىدە بىر ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىدۇ دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولغاچقا، ھەممە ئادەمنى ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلغان. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى، مەسىلەن مەكتەپ سېلىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، يېتىم-يېسىر ۋە ئاجىز مىيىپ، كېسەل كىشىلەرنى يوقلاش، ياردەم قىلىش، كۆچەت تىكىش، دەرەخلەرگە قاپاقتىن قۇشلارغا ئۇۋا ياساپ بېرىش...تەك بىر قاتار ئېسىل ئۇدۇملار شەكىللەنگەن.
 نورۇز ــ سەنئەت بايرىمى. نورۇزدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت دەل سەنئەت پائالىيىتىدۇر. نورۇز كۈنى جاي-جايلاردىكى كىشىلەر رەڭگارەڭ ياسىنىپ، نورۇز مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بىر قىسىملار شېئىر-قوشاق، نەزمىلەر بىلەن مەشرەپنى قىزىتسا، مەدداھلار قىسسە-داستانلارنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ، چاقچاقچىلار، يۇمۇر، لەتىپىچىلەر سورۇن ئەھلىگە كۈلكە ئاتا قىلسا، نەغمىچىلەر مۇقام ۋە نەغمىلىرى بىلەن سورۇنغا ھۆسن قوشىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ــ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت بايرىمى ۋە سەنئەت مەكتىپى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ.
 نورۇز ــ تەنتەربىيە بايرىمى. نورۇزدا سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن قالسا، كەڭ-كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىرى تەنتەربىيە پائالىيىتىدۇر. ئادەتتە نورۇزدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن دارۋازلىق، جانبازلىق، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، سارغايدى، ئىلەڭگۈچ، بۇقا، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش،، ئىت تالاشتۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ئاۋامنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلام بولىدىغان ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ھەمدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان بىر تەنتەربىيە بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ.
-ئە تۇردى ئاچچىق
نورۇز كەلدى، ئىللىدى جاھان ،
قوزغالماقتا ئوتلۇق ھاياجان،
نورۇز دىگەن بىزگە باھارنى ،
تۇغۇپ بەرگەن ئۇلۇغ ئانىجان.
نورۇز دىگەن خىسلەت باغچىسى،
نورۇز دىگەن بەخىت جارچىسى،
مەڭگۈ يېڭى تۇيغۇ بېغىشلاپ،
ئەسىر بويى كەلدى قانچىسى.
بىز نورۇزدا يايىمىز ئېتەك،
بىز نورۇزدا ئاچىمىز چېچەك.
خاسىيەتلىك دۇئاسى بىلەن،
قول سىلكىيدۇ گۈزەل كېلەچەك.
مەنزىلىمىز بولسىمۇ يىراق،
ياقتى نورۇز يوللارغا چىراق.
بىز نورۇزدا نۇرغا ئايلانساق،
ئۇنتۇلىدۇ مىڭ يىللىق پىراق.....
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
 نورۇز ــ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى. نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۈملىدىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدە شۇ قەدەر ئېھتىرام ۋە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانكى، ھەتتا نورۇز كۈنلىرى قەبىلە، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش-ماجرالار ۋاقتىنچە توختىتىلغان، يارىشىش شەرتنامىلىرى تۈزۈلگەن. نورۇزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋەتلىشىپ قالغان دوست-بۇرادەرلەر، مەھەللە، قولۇم-خوشنىلار، شۇ جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-ئاياللارمۇ ‹‹ئۆتكەنگە سالاۋات›› قىلىپ قايتىدىن ياراشقان ياكى ياراشتۇرۇلۇپ نورۇزنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ئىچىدە خۇشال ئۆتكۈزگەن. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزگەن، مانا بۇ نورۇزنىڭ تولۇق خاسىيىتى.
 نورۇز ــ توقچىلىق ۋە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇز كۈنى، قۇتلۇق نورۇزنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ‹‹ق›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل (ئىشلاردىن بۇرۇن ‹‹س›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان توققۇز خىل) يېمەكلىك تەييارلايدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن: قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق، جىگەر، قوزا گۆش (قورداق، تونۇر كاۋاپ) دېگەندەك، بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن ‹‹توققۇزى تەل›› بولۇشنى تىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇز كۈنى ھەر قايسى جايلاردا داش قازانلار ئېسىلىپ، يەتتە خىل ياكى توققۇز خىل خۇرۇچتىن مەززىلىك نورۇز ئېشى (سۇمۇلە، سۈمە-ئۈندۈرمە، ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداي ــ ‹‹دىۋان›› Ⅲ توم 323-بەت) ئېتىلىدۇ. نورۇز داستىخىنى ئادەتتىكىدىن مول بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائام يەرمەنكىسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. دېمەك، نورۇز ــ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.
 نورۇز ــ ئارزۇ-تىلەك ۋە ئامانلىق تىلىشىدىغان بايرام. نورۇزدا ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، يارۇ-بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يوقلىشىدۇ، سوۋغا-سالام بېرىشىدۇ، بىر-بىرىگە ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلىشىدۇ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىدۇ، ھاياتنىڭ گۈزەل بولۇشىنى تىلەپ گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سۇ مول بولسۇن دەپ بىر –بىرىگە سۇ چېچىشىدۇ. دېھقانلار ئۈمىد بىلەن يەرگە بەرىكەت ئۇرۇقى چاچىدۇ، چارۋىچىلار بولسا پادىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ھەيدەيدىغان سائادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بايرام.
نورۇزنامە (روزى سايىت)
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام، بۈگۈن شاتلىق. نورزدا كۆڭلىكىز خوشاللىققا،ئارزۇلىرىڭىز ئۈمۈتكە تولسۇن..دوسلىرىڭىز خۇشال بولسۇن، دۇشمەنلەر ھەسەتتە قالسۇن.. مىللەت ئەنئەنسى بىشىڭىزدا ئۇيغۇر دوپپىسى بولسۇن......
نورۇزنامە (روزى سايىت) بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر، بۈگۈن نورۇز _ باھار ھەر ياندا جەۋلاندۇر. بۈگۈن نورۇز _ شىپاسى جانغا دەرماندۇر، چېچەك - چوكان پۇتاق - شاخلاردا سەيلاندۇر. بۇ نورۇز _ يىل بېشى، قىش ئەمدى سەرساندۇر. زېمىن، تاغ، سۇ... ئۆزىگە خاس "پىچىر" قىلغاي، قىياق - چىملاردىمۇ سەزگۈ _ "غىچىر" قىلغاي. قاناتلىقلارمۇ كۈيلەشتە "ۋىچىر" قىلغاي، ھايات شۇنداق تىنىمسىز بىر ئۇچۇر قىلغاي. ئۇچۇركى يىل بېشى ھەر ئىشقا ئىمكاندۇر. بوۋاقلار پاختىلىق ئىشتانىدىن ئازاد، بوۋايلار مەش - ئوچاقلىق خانىدىن ئازاد. كېلىنلەر ئوت يېقىش ئالۋانىدىن ئازاد، تاغار، كەتمەن، ساپان "زىندان"ىدىن ئازاد. بېسىقماس ئەمدى "ھۇش - تاپ!" تاڭلا خاماندۇر. ھېلىتىن نەۋرىلەر ئوغلاقچىلاپ تاقلاپ، تېرىپ كۆك _ "يېڭىلىق"نى بۆكىدە ساقلاپ. "سۆيۈنچەڭنى چىقار!" دەپ، چوڭلىنى يوقلاپ، يېشىللىق تەبىرى زوقىدا دىل توقلاپ. قۇچاقتا ئەركىلەپ ھەر ئۆيدە مېھماندۇر. يەنە بار: شوخ، زېرەكلەر بەكىنى چاقلاپ، چىۋىق - تالنى كېسىپ سىرت پوستىنى ئاقلاپ. ياساپ نەي، پۈۋلىشىپ خۇشلۇقتا ئويناقلاپ، جېنى پاتماس ئىچىگە كۈلسە "قاق - قاق"لاپ. بۇ نورۇز شوخلۇقى _ شاد، غەلۋە - غەلياندۇر. كىچىك قىزلار قىلىپ چاچ قىرىق ئۆرۈم تالنى، سىقىپ ئوسما، قارايتىپ قاش، چېكىپ خالنى. قۇلاقىغا قىسىپ غۇنچە _ قىزىل، ئالنى، باھاردىن رەڭ تۈزەپ دورايدۇ "ناز - ھال"نى. بۇ دوراش بەك ئوماق، چوڭلارمۇ ھەيراندۇر. يىگىت - قىزلارمۇ راستلاپ كەڭ - كۇشادە سەينا، يېشىل مەۋسۇمغا خاس مەشرەپ تۈزەر ئەينا. قۇچار كۆكنى بۇ سۆز: بوش كەلمىگىن، ئوينا، ھېرىش مەردلەرگە يات، سازىڭنى چال، قاينا... بۇ نورۇزلۇق مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئارماندۇر! قىزىيدۇ ئەتە نورۇزدا چەۋەندازلىق، دارۋازلىق، چېلىشىش ھەم سېھىر، جانبازلىق. بۇقا، قوچقار، خوراز، ئىت... ئىچرە جەڭۋازلىق، ساما - مەشرەپ- ئۇسۇل، دىللاردا ھەمرازلىق. بۇ، نورۇزغا تەئەللۇق كۈلكە - خەنداندۇر. قىلۇر جەم ئۇشبۇ نورۇز مىڭلىغان باشنى، بىرى داڭقان قازان، بىرى ئاسار داشنى. گاداي، شاھ - بارچە تەڭ ئىچكەي تاماق - ئاشنى، تىلەر قۇت يۇرتقا بەرىكەت، بىللە يايراشنى. قەدىمدىن ئۇشبۇ ئادەت بىزگە قالغاندۇر.
دېمەك، نورۇزــ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. تەبىئەت بايرىمى، مېھنەت بايرىمى، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بايرىمى؛ خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئۆگىتىدىغان ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت، تەنتەربىيە بايرىمى؛ كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ساۋابلىق بايرام؛ كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتە شاد-خوراملىق ئاتا قىلىدىغان شادلىق بايرىمى. يېڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان خاسىيەتلىك سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قۇتلۇق، ئۇلۇغ بايرام! ‹‹ بايراملارنىڭ شاھى››!   نورۇزدا يۇقىرىقىدەك خاسىيەتلەر بولغاچقا، 2009-يىلى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنى ‹‹ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ‹‹خەلقئارا نورۇز بايرىمى››، ‹‹دۇنيا تىنچلىق-مەدەنىيەت كۈنى›› دەپ بېكىتتى.
چوققىغا قايتىش