باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا: رۇسىيىگە قاراتقان ۋىزا بېجىرىش تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە توختىتىمىز

2014.03.21 18:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسى 20-مارت ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش شەرتنامىسىنى تەستىقلىدى. بۇ شەرتنامىنى پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن قىرىمنىڭ پارلامېنت باشلىقى، باش مىنىستىرى ۋە سىۋاستىپول شەھرىنىڭ باشلىقى 18-مارت ئىمزالىغان، شەرتنامىدا، قىرىم بىلەن سىۋاستىپول 18-مارتتىن باشلاپ، فېدىراتسىيە گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيەگە قوشۇلىشى بەلگىلەنگەن.

  شەرتنامىدا يەنە، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈنچە مەزگىل قىلىش، قىرىم بىلەن سۋاستىپول ئىقتىساد ۋە قانۇن تۈزۈمى ھەمدە رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى سىستېمىسىدىكى بىر گەۋدىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بۇ مەزگىلدە ھەل قىلىش بەلگىلەندى. پۇتىن 20-مارت يەنە بۇيرۇق ئىمزالاپ، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچىگە قاتنىشىنى، ئىچكى ئىشلار سىستېمىسى بىلەن بىخەتەرلىك سىستېمسىىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئۇنۋانىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىدارىسى 20-مارت ئېلان قىلغان خەۋەردە باش مىنىستىر ياكسىينوكنىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئالدىراپ ۋىزا بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويماسلىقنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر