باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك يىپ ئۇچى تېپىلدى
(1)

2014.03.21 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيە جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پارچىسىنى بايقىدى دېدى. بۇ خەۋەر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش جەريانىدىكى ھازىرغا قەدەر ئەڭ گەۋدىلىك يىپ ئۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر نۆۋەتتە ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە- ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۇچۇرى زادى نەدىن كەلدى؟ گۇمانلىق جىسىم بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان MH -370 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار؟ يەنە زادى قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ئىش ئېنىقلىنىدۇ؟ نۆۋەتتە ئىزدەش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟

  ئاۋسترالىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى جون راڭ تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى گۇمانلىق جىسىم سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىشتىن بايقالدى. ئاۋسترالىيە دېڭىز تارماقلىرى نۆۋەتتە ئالاقىدار سۈنئىي ھەمرا سۈرئىتىنى ئېلان قىلدى. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ئېلان قىلغان ئالاقىدار سۈنئىي ھەمرا سۈرىتى ئامېرىكىنىڭ سودىغا ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمرا تىجارەت سودىگىرى سىفىرلىق يەر شارى شىركىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ سۈرئەت 16-مارت تارتىلغان.

  15-مارت، مالايسىيا دائىرىلىرى مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئاخىرقى قېتىم سۈنئىي ھەمرا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئورۇننى جەنۇب شىمال ئىككى كارىدوردا بولۇشى مۇمكىن دەپ جەزملەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبى لىنىيە ھىندىنوزىيەدىن جەنۇبى ھىندى ئوكيانغىچە كېڭەيتىلدى. شۇندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىزدەش ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىزدەش دائىرىسىنى قايتىدىن بېكىتتى. جەنۇبىي ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئىزدەش ھەرىكىتىگە ئاۋسترالىيە يېتەكچىلىك قىلدى. ئاۋسترالىيە ئامېرىكا تىرانسپورت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەھلىلىگە ئاساسەن، 19-مارت ئىزدەش دائىرىسىنى كىچىكلەتتى.

  جون راڭ شۇ كۈنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىككى گۇمانلىق جىسىم ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مېتىر، كىچىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە بەزى پارچىلارمۇ باركەن. ئىككى جىسىمنىڭ چوڭلۇقى مۇۋاپىق بولۇپ، سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . بوئېن شىركىتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ئايروپىلاننىڭ ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى ۋە ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ كەڭلىكى سانلىق مەلۇماتىدىن مۆلچەرلىنىشىچە، ER 200777- تىپلىق MH 370 – قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىر تەرەپ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 27.4 مېتىركەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر